Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۇچقۇن پاقا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
زوئولوگىيە
قوش ماكانلىقلار كلاسى، پاقىلار ئائىلىسدىكى ھايۋان. تەن ئۇزۇنلۇقى ئالتە - يەتتە سانتىمېتىر. چوڭلىرى توققۇز سانتىمېتىر كېلىدۇ. دۈمبىسى توپا رەڭ، سېرىق ۋە قىزىل سەپكۈنلىرى بار. تۆت ئايىغىدىمۇ توغرىسىغا جايلاشقان قارامتۇل ئالىسى بار. قورساق قىسمى سۈت رەڭگىدە، ئەركەكلىرىنىڭ ئىچكى ئاۋاز خالتىسى بولىدۇ. 1 - بارمىقىدىكى قاداقچىسى تەرەققىي قىلغان، بارماق ئارىلىقىدا پەنجىسى بار. تاغ باغرىدىكى تەسكەي، نەم ئورۇنلاردا ياشايدۇ. قىش پەسلىدە توپلىشىپ سۇنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى تاش ئاستىدا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ.