Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
原叶体
دائىرە: ئۇنىۋېرسالyuán yè tǐ
دەسلەپكى ياپراقچە
دائىرە: بىئولوگىيەئىپتىدائىي يوپۇرماقسىمان تەنە
پاپوروتنىكلارنىڭ سپورىسى بىخلىنىپ ھاسىل قىلغان گامېتوفىت، ئۇ ئادەتتە يېشىل رەڭلىك يوپۇرماقسىمان تەن (مەسىلەن، سارچى) بولۇپ، يالغان يىلتىزى بولىدۇ، يەرگە يېپىشىپ ئۆسىدۇ، مۇستەقىل ياشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىلىندىرسىمانلىرىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن قىسمى (يالىڭاچ پاپوروتنىكلار) ياكى بىر قىسمى (بەزى تاش قارىغىيى) يېشىل بولمايدۇ. تۇپراقتا چىرىندىخورلۇق ھايات كەچۈرىدۇ، ئۆز ئىچىدە ئورتاقلىشىپ ياشايدىغان زەمبۇرۇغلاردىن ئوزۇقلۇق ئالىدۇ. ئادەتتە ئىپتىدائىي يوپۇرماقسىمان تەنىدە قانال توقۇلمىسى بولمايدۇ، بىراق بەزى يالىڭاچ پاپوروتنىكلارنىڭ ئىپتىدائىي يوپۇرماقسىمان تېنىدە قانال توقۇلمىسى بولىدۇ. ئىپتىدائىيۇ يوپۇرماقسىمان تەنىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى ئۇرۇقدان بىلەن تۇخۇمدان ھاسىل قىلىپ، ئايرىم - ئايرىقم ھالدا سپېرما ۋە تۇخۇم ھاسىل قىلىش، سۇ بولغان شارائىتتا جىنسلىق كۆپىيىش جەريانىنى تاماملاپ، ئۆز تېنىدە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى يېتىلدۈرۈپ سپوروفىتقا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. تاش قارىغىيىنىڭ سپوروفىتى بىلەن ئىپتىدائىي يوپۇرماقسىمان تەنچىسى بىر قانچە يىل بىرگە ئۆسىدۇ. سېلاگىنېللارنىڭ سپوروفىتى بىلەن ئىپتىدائىي يوپۇرماقسىمان تەنچىسى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت بىرگە ئۆسىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.