Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
原始情绪
پسىخولوگىيە
ئىپتىدائىي كەيپىيات
بۇ ئادەمنىڭ تۇغما كەيپىياتىنى، ياكى يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ كەيپىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكىلىق ۋاتسوننىڭ قارىشىچە، يېڭى تۇغۇلغان بالىدا ئۈچ خىل ئىپتىدائىي كەيپىيات يەنى قورقۇش، ئاچچىقلىنىش ۋە ئامراقلىق بولىدۇ. كانادالىق پسىخولوگ برىدگېسنىڭ قارىشىچە، يېڭى تۇغۇلغان بالىدا بىرلا خىل ئىپتىدائىي كەيپىيات - «ئادەتتىكى ھاياجانلىنىش» بولىدۇ، بۇ بىر خىل دىففېرىنسىيىلەنمىگەن ئىنكاستىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىنكاس ئۆزئارا ماسلىشالمىغان بىر مۇنچە ئىچكى ئەزالار بىلەن مۇسكۇللارنىڭ ئىنكاسى. يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ قاتتىق ئاۋاز، بىرەر يېرىنىڭ ئاغرىشى، ئاچلىق، تەرەت قىستاش ۋە بىرەر يېرىنىڭ قىچىشىشىغا بىلدۈرگەن ئىنكاسى ئاساسەن ئوخشاش، ئۈچ ئايلىق بولغاندا، ئاندىن خۇشاللىق بىلەن قىينىلىشقا ئىنكاس بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا دىففېرېنسىيىلىنىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ پسىخولوگلىرىدىن لىن چۈەندىڭ 1947 - 1948 - يىللىرى 1 - 10 كۈنلۈككىچە بولغان 500 دىن ئارتۇق بوۋاقنى كۆزىتىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا پەقەت ئىككى خىل كەيپىيات ئىنكاسى بولىدۇ: بىرى خۇشاللىق (فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى قاندۇرۇلغانلىقتىن)، يەنە بىرى خامۇشلۇق (فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغانلىقتىن) دېگەن خۇلاسىغا كەلگەن. ھازىرچە ئىپتىدائىي كەيپىيات توغرىسىدىكى تەتقىقات بەك ئاز، بۇ ھەقتىكى بىلىشلەرمۇ بىرلىككە كېلىنمىگەن.