Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
原声动物学
بىئولوگىيە
ئىپتىدائىي ھايۋانلار زوئولوگىيىسى
ئىپتىدائىي ھايۋانلار (بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان ئىپتىدائىي جانلىقلار) نىڭ مورفولوگىيىسى، بۆلۈنۈشى، فىزىئولوگىيسى، ئېكولوگىيسى، ئىرسىيىتى، ئېۋوليۇتسىيىسى ھەمدە ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن يېقىنىى يىللاردىن بۇيان، ئىپتىدائىي ھايۋانلار ھۈجەيرىسىنىڭ ئىنچىكە ھەمدە ئۇلترا تۈزۈلۈشى، فىزىئولوگىيىلىك، بىئو خىمىيىلىك ھادىسلىرى، كېسەل قوزغاتقۇچىلارنىڭ ھايات تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىۋاتىدۇ. ئىپتىدائىي ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارغا بىۋاسيە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ياكى زىيان يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. ئىپتىدائىي ھايۋانلار كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە مۇھىم پەن - تەتقىقات قىممىتىگىمۇ ئىگە.