Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
原生动物
تېببىي
yuán shēng dòng wù
پروتوزون، ئاددىي ھايۋانلارDئۇنىۋېرسال
yuán shēng dòng wù
پروتوزوئا
بىئولوگىيە
پروتوزوئالار
بۇ <كېيىنكى ھايۋانلار (مېتازا)> غىمۇ تاناسىپ ئاتالغۇ بولۇپ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي تىپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىندىۋىدى پەقەت بىرلا ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولغاچقا <بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاددىي ھايۋانلار تىپىدىكى يەككە ھۈجەيرە، كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار تېنىدىكى بىر ھۈجەيرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا ئادەتتىكى ھۈجەيرىلەردە بولىدىغان ئاساسىي تۈزۈلۈش - ستوپلازما، يادرو، ھۈجەيرە پەردىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇستەقىل ھايات كەچۈرەلەيدىغان ئورگانىزم بولۇپ، ھۈجەيرە ھەرىىل قىسىملارنى دىففېرېنسىيىلەپ چىقىرىش ئارقىلىق ئادەتتىكى ھايۋانلار ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەتلىنىش، ھەزىم قىلىش، نەپەسلىنىش، چىقىرىۋېتىش، تەسىرگە ئىنكاس قايتۇرۇش، كۆپىيىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ھەرخىل ھايات فۇنكىسيىلىرىنى ئورۇنلايدۇ. ئوزۇقلىنىش شەكلى؛ ئۆسۈملۈكسىمان ئوزۇقلىنىش، ھايۋاناتچە ئوزۇقلىنىش ۋە چىرىندىخورلۇق ئوزۇقلىنىشتىن ئىبارەت. كۆپىيىش شەكلى؛ جىنسسىز كۆپىيىش ۋە جىنسلىق كۆپىيىش. ناچار مۇھىتتا، ئادەتتە ھەممىسى سپورا خالتىسى ھاسىل قىلىپ قۇرغاقچىلىق ۋە سوغۇق شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئىندىۋىدى (يەككە تېنى) كىچىك بولغاچقا ئادەتتە مىكروسكوپتا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا پروتوزوئالار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار ⅦⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدە مىكروسكوپ كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىنلا باشلانغان. تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ، تاتلىق سۇ، دېڭىز - ئوكيان ۋە پاتقاق - نەم تۇپراقلارنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت. يەنە بىرمۇنچە تۈلىرى پارازىتلىنىپ (مەسىلەن؛ بەزگەك پلازمودىيىسى، لېشمانىيە، ساركوسىيىست قاتارلىقلار) مۇھىم كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 30 مىڭ تۈردىن ئاشىدۇ، مۇھىم سىنىپلىرى؛ قىلئاياغلىقلار سىنىپى (مەسىلەن ئېۋگلېنا)، يالغان پۇتلۇقلار سىنىپى (مەسىلەن؛ ئاميوبا)، سپورىلىقلار سىنىپى (مەسىلەن؛ بەزگەك پلازمودىيىسى، كىرپىك تۈكلۈكلەر سىنىپى )مەسىلەن؛ تۇفېلكا(.