Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
源平争霸
دۇنيا تارىخى
گېن - تائىرالارنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىشى
ياپونىيە خىرا ياسۇ دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە گېن يۇرىماسا (1051 - 1180)، گېن يورىتومو بىلەن تائىراكىيومورىمىڭ ھاكىمىيەتنى تالىشىش ئۇرۇشى. گېن بىلەن تائىرا ئىككى جەمەتىنىڭ نائىبلىق، گۈەنبېي ۋە يۈەنجىڭلارنىڭ ئۆز ئارا ھوقۇق تالىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا سامۇرايلارنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتىن ئۇلارنىڭ زىددىيىتى چوڭقۇرلاشقان. 1156 - يىلىدىكى باۋيۈەن توپىلىڭى ۋە 1159 - يىلىدىكى پىڭجى توپىلىڭىدىن كېيىن گېن جەمەتىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ تائىرا جەمەتى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان. تائىرا كىيومورىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلىرى شىزاكاۋا Ⅱ، سېسىيو، كامباكولار ۋە راھىبلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، يەرلىك سامۇرايلارمۇ ئۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغان. 1177 - يىلى تائىرا جەمەتىنى يوقىتىش سۈيقەستى يۈز بەرگەندە تائىراكىيومورى ئۇنى دەرھال باستۇرغان بولسىمۇ، تائىراكىيومورىغا قارشى كۈچلەر كۈنسايىن كۈچەيگەن. 1180 - يىلى گېن يورىماسا كىيوتودا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە شىراكاۋا Ⅱ (1127 - 119) نىڭ ئوغلى ئىنئو (1151 - 1180) نىڭ نامى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى گېن جەمەتىدىكىلەرنى تائىرا جەمەتىگە زەربە بېرىشكە چاقىرغان. كانتودىكى چوڭ - كىچىك سامۇرايلار ئۆزلىرىنى گېن يورتومونىڭ قوينىغا ئېتىپ، فوجىچۈەن جېڭىدە تائىرا قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان، گېن يورىتومو كاماكۇرادا كومۇنجۇ (ئالاقە ئورنى، كېيىن سىياسىي ئورۇنغا ئۆزگەرتىلگەن) تەسىس قىلىپ، يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرغان. ئىككىنچى يىلى، تائىرا كىيومورى ئۆلۈپ كەتكەن، تائىرا كىيومورىنىڭ كۈچى تەۋرىنىپ قالغان. كېيىن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، 1185 - يىلى زەنچىۋۇ ئارىلىنى (بۈگۈنكى كاگاۋا ناھىيىسىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز ئارىلى)، چاڭمىن تەنفو ( سىمونوسېكى دېڭىز بوغۇزى) دىكى دېڭىز جېڭىدە تائىرا قوشۇنى يوقىتىلغان. 1192 - يىلى گېن يورىتومو چەت ئەللىكلەرگە يۈرۈش قىلغۇچى سەردار بولغان ھەمدە كاماكۇرا شوگۇنلۇقىنى قۇرغان.