Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
原鸡
بىئولوگىيە
بانكىۋ توخۇسى
قۇشلا سىنىپىنىڭ توخۇسىمانلار ئەترىتى، قىرغاۋۇللار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ شەكلى ئۆي توخۇسىغا ئوخشاش، سەل كىچىكرەك بولىدۇ. خورىزىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 60 سانتىمېتىر، بېشىدا گۆشلۈك تاجىسى (ھەرە چىشى شەكىللىك)، بوغۇزىنىڭ ئىككى يېنىدا بىر جۈپ گۈش ساقىلى بولىدۇ، ھەمدە مەڭزى يالىڭاچ، بوغۇزى قىزىل رەڭلىك، باش ۋە بوينىدىكى پەيلىرى پۈتۈنلەي تار - ئۇزۇن ھەم ئۇچلۇق بولۇپ، ئالدىدىكىلىرى قېنىق قىزىل، كەينىگە سۈرۈلگەنسېرى ساپسېرىق بولىدۇ، بەدىنىدىكى پەيلىرى كۆپىنچە قارا بولۇپ ھەممىسى جۇلالىق، قۇيرۇق پەيلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ. مېكيىنى كىچىك، قۇيرۇقى قىسقا، ئۈستۈنكى تېنىنىڭ كۆپىنچىسى قېنىق قوڭۇر رەڭلىك ھەمدە سېرىق قوڭۇر قۇرتسىمان داغلار بىلەن زىننەتلەنگەن بولىدۇ. ئۇ ئۆي توخۇسىنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ئىدى، ھازىرتروپىك بەلباغ ۋە سۇپتروپىك بەلباغ تاغلىق رايونلىرىدىكى قويۇق ئورمانلىقلاردا ياشايدۇ. ئورمان ياقىسىدىكى دالىلارغىمۇ بارىدۇ، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى، ئاشلىق - دان ھەم يۇمران بىخلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، قوشۇمچە ھاشارات ۋە لۆم - لۆم قۇرتلارنىمۇ يەيدۇ. ئۇۋىسىنى ئادەتتە يەر يۈزىدىكى سەل ئويمان يەرلەرگە ياساپ خازان ۋە ئوت - چۆپ قاتارلىقلارنى ئازراق سېلىپ قويىدۇ. ھەرىكىتى چاققان، مېڭىش ۋە ئۇچۇشقا ماھىر، خوزىرى سوقۇشقاق كېلىدۇ. ئۇ مەملىكتىمىزنىڭ يۈننەن، گۇاڭشىنىڭ جەنۇبىي ياقىسى ۋە خەينەنداۋلارنىڭ ھەممىسىدىن تېپىلىدۇ. ھازىر ئۆي توخۇسىنىڭ دۆلتىمىزدە قەدىمدىنلا كۆندۈرۈلۈپ كەلگەنلىكى ئىسپاتلاندى، <كۇڭگو ئۆي توخۇسى ھىندىستاندىن كىرگۈزۈلگەن> دېگەن گەپلەرنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق. ئۇنىڭ گۆشى مەززىلىك ھەم يېيىشلىك، پەيلىرىدىن چىۋىن قورغۇچ (چاڭ سۈپۈرگۈچ) ياساشقا ياكى زىننەت بويۇمى قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
yuán jī
بانكى توخۇسى، ھىندىستان ياۋا توخۇسى
Dئورمانچىلىق
yuán jī
قىرغاۋۇل