Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىتوخىروبۇمى
دۇنيا تارىخى
伊藤博文
yī téng bó wén
(1841 - 1909) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1885 - 1888، 1892 - 1896، 1898، 1900 - 1901). ئەسلى ئىسمى شۇنسۇكىي. يوشىدا شوئىننى ئۇستاز تۇتۇپ، كىدو تاكايوشىغا ئەگىشىپ تىننۇنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ۋە شوگناتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مېيجى يېڭىلىقى مەزگىلىدە، 1868 - يىلى 1 - ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەل ئىشلىرى جۇجۇقىغا ھەكەم بولغان، 6 - ئايدا ھىيوگو ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بولغان. 1869 - يىلى ئوكاراشوغا يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن، 1870 - يىلى ئامېرىكىغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، ئىككىنچى يىلى ئوكاراشوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە سانائەت ئىشخانىسىغا يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن، 12 - ئايدا ئىۋاكۇرا تومومى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ چەت ئەلگە زىيارەتكە چىققان. 1873 - يىلى 10 - ئايدا سايگو تاكامورى قاتارلىقلار چاۋشيەنگە يۈرۈش قىلىش تەشەببۇسى رەت قىلىنغانلىقتىن ھۆكۈمەتتىن چېكىنىپ چىققان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ۋە قوشۇمچە سانائەت ۋازارىتىنىڭ ۋازىرى بولۇپ كۆتۈرۈلگەن. 1877 - يىلى كىدۇ تاكايوشى قازا قىلىپ، 1878 - يىلى ئوكوبو توشىمىچى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنى تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالغان. 1881 - يىلى ئوكاما شىگېنوبۇ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەربابىغا ئايلانغان. 1882 - يىلى ياۋروپاغا بېرىپ ئاساسىي قانۇننى تەكشۈرۈپ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشكە كىرىشكەن. 1885 - يىلى 12 - ئايدا بىرىنچى نۆۋەتلىك كابىنېتنىڭ لېدىرى بولغان. 1888 - يىلى 4 - ئايدا تىننۇنىڭ مەسلىھەت ئورگىنى زوراغالىق مەھكىمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم مەھكىمە باشلىقى بولغان (1883 - يىلى 4 - ئايدىن 1889 - يىلى 10 - ئايغىچە، 1891 - يىلى 6 - ئايدىن 1892 - يىلى 8 - ئايغىچە، 1903 - يىلى 7 - ئايدىن 1905 - يىلى 12 - ئايغىچە، 1905 - يىلى 6 - ئايدىن كېيىن). 1890 - يىلى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئىمپېرىيە پارلامېنتى قۇرۇلۇپ، 10 - ئايدا ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ تۇنجى پالاتا باشلىقى بولغان (1891 - يىلى 7 - ئايغىچە). 1892 - يىلى 8 - ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك كابېنت تەشكىللىگەن. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىنى قوزغىغان ھەمدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى <باكان شەرتنامىسى>نى ئىمزالاشقا مەجبور قىلغان. 1898 - يىلى 1 - ئايدا ئۈچىنچى نۆۋەتلىك كابېنت تەشكىللىگەن، ئاساسىي قانۇنلۇق پارتىيە قارشى تۇرغانلىقتىن پارچىلىنىپ كەتكەن. 1900 - يىلى 9 - ئايدا ئاساسىي قانۇنلۇق مەسلەكداشلار جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ لېدىرى بولغان. شۇ يىلى 10 ـ ئايدا تۆتىنچى نۆۋەتلىك كابېنت تەشكىل قىلغان. 1905 - يىلى 12 - ئايدىن 1909 - يىلى 6 - ئايغىچە چاۋشيەندە باش تەپتىش بولۇپ، چاۋشيەننىڭ مۇستەملىكىشىشىنى كۈچەيتكەن. 1909 - يىلى 01 - ئايدا روسىيە بىلەن چاۋشيەندىن جۇڭگونىڭ خاربىن شەھىرىگىچە بولغان زېمىنىنى يۇتۇۋېلىشنى مەسلىھەتلەشكەن. 26 - ئۆكتەبردە چاۋشيەنلىك ۋەتەنپەرۋەر ئەن جۇڭگېن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.