Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېتوسىنچى
دائىرە: دۇنيا تارىخى江藤新平
jiāng téng xīn píng
(1834 - 1874) ياپونىيە مېيجىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋەزىرى. ساگا ۋاسساللىقىدا تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇراي تەبىقىسىدىن كېلىپ چىققان. پادىشاھنى ھۆرمەتلەش، ياۋلارنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. شەرققە يۈرۈش قىلىش قوشۇنىنىڭ باش لەشكەر بېشى، ئېدو مۇداپىئە تەپتىش بېگى، مەمۇرىي ۋازارەت باش نائىپى، ئىككىنچى پالاتا مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1872 - يىلى ئەدلىيە كاتىپى بولۇپ <قانۇن - نىزام> (جىنايى ئىشلار قانۇنى) نى تۈزۈپ چىقىشقا كىرىشكەن، ھەق - تەلەپ قانۇنى تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن، 1873 - يىلى ئالىي پالاتا ئەزاسى بولغان. سايگوتا كامورى، ئىتاگاكى تائىسۇكى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ <كورىيىنى بويسۇندۇرۇش نەزەرىيىسى> نى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1874 - يىلى 1 - ئايدا، ئىتاگاكى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ۋەتەنپەرۋەر ئادالەتچىلەر پارتىيىسىنى تەشكىللىگەن، خەلق سايلىمى پارلامېنتى تەسىس قىلىش تەكلىپنامىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. 2 - ئايدا، ساگادىكى نارازى بولغۇچى يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنى باشلاپ توپىلاڭ قىلغان، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.