Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىتاگاكى شېئىشىرو
دائىرە: دۇنيا تارىخى板垣征四郎
bǎn yuán zhēng sì láng
(1885 - 1948) ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1916 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. كۆپ قېتىم شتاب باشقارمىسى جۇڭگو بۆلۈمى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ياپونىيە ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1929 - يىلى 5 - ئايدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بولغان. <18 - سېنتەبر> ۋەقەسىنى قوزغاپ، قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتىنى پەيدا قىلغان باش جىنايەتچى. 1936 - يىلى كانتون ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1937 - يىلى 5- دىۋىزىيە كوماندىرى بولۇپ، شىمالىي جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، 8 - ئارمىيىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچرىغان. 1938 - يىلى 6 - ئايدىن 1939 - يىلى 8 - ئايغىچە بولغان كونوئې، خىرانۇما ئىككى نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1939 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ <جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن ئارمىيە> نىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1941 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى بولغان، چاۋشيەن ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى قىلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىلگەن. 1945 - يىلى 4 - ئايدا 7 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى (سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق) بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن باش ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ، 1948 - يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.