Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىستىسلاھ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(مەسلەھە) بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <پاراۋانلىق> دېگەنلىك بولىدۇ. فىقھەنىڭ قوشۇمچە پرىنسىپى ھېسابلىنىدۇ. شەرىئەتنى ئىزاھلاش ياكى دېلولارنى تەكشۈرۈش داۋامىدا جامائەت مەنپەئىتىنى ياكى پاراۋانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، شەرىئەت ئىبارىلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماي ياكى قىياسنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، جانلىق - ئۆزگىرىشچان ئۇسۇل، پرىنسىپلارنى قوللىنىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئوخشاش ھالەتتە قىساس ئېلىش پرىنسىپىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئادەم ئۆلتۈرۈش نىيىتىدىكى ئادەمگە قوشۇلۇپ ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىللارنىڭ ھەممىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدۇ. بۇ پرىنسىپ ئىستىھسان پرىنسىپىغا يېقىنلىشىدۇ، ئادەتتە قوللىنىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇنى ھەممىدىن بۇرۇن مالىكىيە ئىلمى ئېقىمى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىن شافىئىيە، ھەنەفىيە ئىلمى ئېقىملىرى ئېتىراپ قىلغان.