Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىستىقامەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇرغۇنلۇق؛ توغرىلىق؛ چىداملىق؛ ئىستىقامەت:
دىلۇ جانىڭنى رەۋشەن ئەيلەگەيسەن يادى ھەق بىرلەن،
ھەمىشە قۇتب يەڭلىغ ئىستىقامەتدىن بولۇپ مەركۇز.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توغرىلىق، ساقلىق؛ تۇرغۇنلۇق، چىداملىقلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> ۋاقتىنى بىرەر جايدا خۇداغا سىغىنىش، تاۋاپ قىلىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش ياكى خۇداغا تېۋىنىش بىلەن ئۆتۈش.
ئىستىقامەت قىلماق.
بىرەر جايدا ياشاش، تۇرۇش، ھايات كەچۈرۈش؛ تىرىكچىلىك.
شۇندىن كېيىن، مەن <مۆھتەرەم قارى> قۇربان ئاقساقالنىڭ ئۆيىدە ئىستىقامەتتە بولۇشنى قارار قىلدىم.