Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىستانبول قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1730 - 1731 - يىللىرى تۈركىيە ئىستانبول خەلقىنىڭ فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. پاترونا خەلىل قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى، قول سانائەتچىلەر ۋە گۋاردىستلار قاتنىشىپ، سۇلتان ئەخمەد 3 (1673 - 1736) نى باش ۋەزىرنى ئۆلتۈرۈشكە ۋە تەختنى بوشىتىپ بېرىشكە مەجبور قىلىپ، مەھمۇد Ⅰ (1696 - 1754) نى سۇلتان قىلىپ تىكلىگەن. 11 - ئايدا يېڭى سۇلتان ىەلىلىنى ئۆلتۈرۈپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 1173 - يىلى 3، 4 - ئايلاردا بىر بۆلەك گۋاردىستلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، غەلىبە قىلالمىغان.