Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسسىتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسىنى ئوت كۈچى بىلەن ئازراق ئىسسىق ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ئاشقان غىزانى سوغۇق پېتى يېمەي ئىسسىتىپ يېگەن ياخشى. تۇخۇمنى ئىلىتىپ يېمەك پايدىلىق. كۈن خېلى قىزدۇرۇپ تۇرىدۇغۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھارارىتىنى كۆتۈرۈپ ئىسسىق، قىزىق ھالەتكە كەلتۈرمەك.
سوۋوتماق
ھارارىتىنى پەسەيتىپ سوغۇق ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ئورمانچىنىڭ دۈمبىسىنى تونى ئىسسىتماس، پالتىسى ئىسسىتار. ئەتكەن ئېشىڭ شۇ بولسا، قىزىتقان ئېشىڭ نېمە بولار؟ چاينى بەك ئىسسىق ئىچمەي، سەل سوۋۇتۇپ ئىچكەن ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئىسسىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
سۇنى ئىسسىتماق. تاماقنى ئىسسىتماق.
ئاتىنىڭ ھورى بارلىنىڭ دولىسىنى ئىسسىتماس (ماقال).
بىر كىشى ياققان ئوت يۈز كىشىنى ئىسسىتار (ماقال).
ئەتكەن ئېشىڭ شۇ بولسا، ئىسسىتقان ئېشىڭ نېمە بولار (ماقال).