Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېسپارتېرو
دائىرە: دۇنيا تارىخى埃斯帕特罗
āi sī pà tè luó
(1793 - 1879) ئىسپانىيە ھەربىي ئىشلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئەربابى، گېنېرالى. 1808 - يىلدىن باشلاپ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1815 - 1823 - يىللىرى جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئىسپانىيىگە تەۋە مۇستەملىكىلەردىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرغان. بىرىنچى قېتىملىق كارلوس ئۇرۇشى (1833 - 1839) دا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، كارلوسچىلارغا قارشى تۇرغان. <تەرەققىيپەرۋەر پارتىيە> نىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان، 1840 - يىلى 9 - ئايدا ئىنقىلب دولقۇنىنىڭ قوللىشى بىلەن، باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن. 1841 - يىلى 5 - ئايدا پارلامېنت تەرىپىدىن پادىشاھلىقىنىڭ نائىبلىقىغا سايلانغان (كورۇلىۋا ئېسابېل Ⅱ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن). ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، چېركاۋنىڭ خوجىلىق يەرلىرىنى يىغىۋالغان ۋە دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزگەن، ئۆشرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن مۇتەئەسسىپەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1843 - يىلى 7 - ئايدا نارۋائېز رەھبەرلىك قىلغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. كېيىن ئەنگلىيىدە بىر نەچچە يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1848 - يىلىدىكى چوڭ كۈچۈرۈمدىن كېيىن ئىسپانىيىگە قايتقان. 1854 - 1856 - يىللىرى ئىنقىلاب داۋامىدا ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا سايلانغان، كېيىن خىزمەتتىن چېكىنگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.