Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىسپانىيە - ماراكەش ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
西摩战争
xī mó zhàn zhēng
ئىسپانىيەنىڭ ماراكەشكە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى. 1859 - يىلى 11 - ئايدا ئىسپانىيە ماراكەشكە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، باش ۋەزىر ئودوننېل يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننىڭ باش قوماندانى بولۇپ، 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن باشلاپ، سېئۇتادا قۇرۇقلۇققا چىققان. 1860 - يىلى 2 - ئايدا ئىسپانىيە ئارمىيىسى تېتۇئاننى ئىگىلەپ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى <تېتۇئان شەرتنامىسى> ئىمزالانغان؛ ماراكەش سېئۇتا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئىسپانىيىگە بۆلۈپ بەرگەن، 20 مىليون پېئاست تۆلەم تۆلىگەن، ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت دېگەن ئورۇندىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويغان، ئىسپانىيە پۇقرالىرىنىڭ ماراكەشتە مال - مۈلۈك ھوقۇقى بولۇش قاتارلىقلارنى ئېتىراپ قىلغان.