Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسكرا گېزىتى
دۇنيا تارىخى
لېنىن نەشىر قىلغان روسىيە بويىچە تۇنجى ماركسىزملىق گېزىت. 1900 - يىل 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى لېيپسىگدا چىقىرىلغان. كېيىن ميۇنخېن، لوندون ۋە جەنۋەدە چىقىرىلغان. ۋەكالەتچىلەر تورى ئارقىلىق گېزىت تارقاتقان. ماقالە تەشكىللىگەن. دۆلەت ئىچىدىكى ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلەشكەن، تەشۋىقات ئىشلىرىنى قانات يايدۇرغا. مەزكۇر گېزىت ئىقتىسادچىلارنى بىتچىت قىلىش، ئىدىيىۋى، تەشكىلىي جەھەتلەردىن پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىنى چاقىرىشقا تەييارلىق كۆرۈشتە زور رول ئوينىغان. 1903 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مېنشېۋىكلەر پلېخانوۋنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا <ئىسكرا> گېزىتىنى كونتورل قىلىۋالغاندىن كېيىن، لېنىن تەھرىرى بۆلۈمىدىن چېكىنىپ چىققان. كېيىن لېنىن رەھبەرلىك قىلغان مەزگىلدە چىقىرىلغان 51 - سانىدىن ئىلگىرىكى <ئىسكرا> گېزىتىنى كونا <ئىسكرا> گېزىتى، مېنشېۋىكلار رەھبەرلىك قىلغان مەزگىلدە چىقىرىلغان <ئىسكرا> گېزىتىنى <يېڭى ئىسكرا> گېزىتى دەپ ئاتايدىغان بولغان، بۇ گېزىت جەمئىي 112 سان چىقىرىلىپ، 1905 - يىلى 10 - ئايدا نەشىردىن توختىغان.