Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىسكىلىت سىستېمىسى
دائىرە: بىئولوگىيە骨胳系统
gǔgēxìtǒng
ئادەتتە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدىكى ئورگان سىستېمىلىرىنىڭ بىرىنى كۆرسىتىدۇ. قاتتىق سۆڭەك ۋە كۆمۈرچەكلەردىن تەركىب تاپقان ھەمدە پەي - سىڭىرلار ئارقىلىق تۇتىشىپ مۇقىم شەكىللىك ئىسكىلىت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ رلى بەدەن شەكلىنى ساقلاش، يۇمشاق ئورگانلارنى قوغداش، مۇسكۇللارنى يېپىشتۇرۇش ۋە ھەرىكەتكە پىشاڭلىق رولىنى ئويناش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. پۈتۈن ئىسكىلىت سىستېمىسى ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ ئوخشىماسلىقلىرىغا قاراپ، ئوتتۇرا ئوق ئىسكىلىتى ۋە پۇت - قول ئىسكىلىتىدىن ئىبارەت چوڭ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئوتتۇرا ئوق ئىسكىلىتى گەۋدىنى دەل ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، باش سۆڭىكى، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى، تۆش (كۆكرەك) سۆڭىكى ھەم قوۋۇرغىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇت - قول ئىسكىلىتى بەدەننىڭ سىرتقى ئەتراپىدا بولۇپ، مۈرە بەلبېغى، بەل بەلبېغى ھەم ئەركىن پۇت - قول سۆڭەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال骨胳系统
gǔ gē xì tǒng
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.