Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىسكەندەر بىي
دائىرە: دۇنيا تارىخى斯坎德培
sī kǎn dé péi
(تەخمىنەن 1405 - 1468)، ئەسلى ئىسمى گېئورگې كاستروتى. ئالبانىيىنىڭ مىللىي قەھرىمانى. كاستروتى جەمەتىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دادىسى ئالبانىينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر كىنەز. ئالبانىيە ⅩⅤ ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرى تۈركىيە تەرىپىدىن بېقىندۇرۇلغان. گېئورگې تەخمىنەن 1423 - يىلى گۆرۈگە ئېلىنغان ئادەم سۈپىتدە تۈركىيە سۇلتانىنىڭ ئوردىسىغا ئەۋەتىلگەن، ئۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئىسمىنى ئىسلام دىنىدىكى ئىسىم ئىسكەندەرگە ئۆزگەرتكەن، كېيىن يەنە تۈركىيە قوشۇنىدا خىزمەت قىلىپ <بەگ> دەپ نام ئالغان، شۇنىڭ بىلەن ئىسكەندەر بەگ دەپ ئاتالغان. 1443 - يىلى 300 نەپەر ئاتلىق ئەسكەرنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئالبانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قورغان كرۇيەنى ئىشغال قىلغان. ىەلق ئاممىسى ۋە ھەرقايسى جايلارنىڭ كىنەزلىرى ئۇنىڭغا كەينى - كەينىدىن ئاۋاز قوشقان. 1444 - يىلى جايلارنىڭ كىنەزلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، <ئالبانىيە ئىتتىپاقى> نى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 نەچچە يىلدا، ئۇ ئالبانىيە خەلقى ۋە قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ، تۈركىيە سۇلتانى مۇرات Ⅱ بىلەن مۇھەممەد Ⅱ نى بىر قانچە قېتىم، يەنى 1444، 1448، 1450، 1457 - ۋە 1466 - 1467 - يىللىرى مەغلۇپ قىلغان. ئىسكەندەر بەگ رەھبەرلىك قىلغان ئالبانىيە خەلقىنىڭ تۈركىيىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كۈرىشى، ۋېنگرىيە قاتارلىق ئەللەر خەلقلىرىنىڭ تۈركىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى كۈرىشىگە كۈچلۈك ياردەم بەرگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.