Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىشىتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاڭلاش ئەزاسى قۇلاق ئاۋازنى قوبۇل قىلماق.
ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق، ئاڭلىغان سۆزنىڭ ئىگىسى يوق. ئاڭلىساڭ جەننەت، كۆرسەڭ دوزاخ. تىڭلا، سۆزلىمە، كۆپ تىڭلا، ئاز سۆزلە. گاھىدا چوڭنىڭ گېپىنى تىڭشا، گاھىدا كىچىكنىڭ. كۆرگەن ئادەم بولسا، ئىشتكەننى ئىزدەش ھاجەتسىز. بىلىملىك جېنىنى پەرۋىش قىلار باق، ئەقىل يول كۆرسىتەر كىم سالسا قۇلاق. گېپىمگە قۇلاق سال. بۇ ئىش خاننىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قاپتۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاڭلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تاۋۇش ئاڭلاش ئورگانىزمى ئارقىلىق قوبۇل قىلماق، ئاڭلىماق.
گەپ ئىششىتمەك. ھاقارەت ئىششىتمەك.
قۇلاق سالماق، تىڭشىماق.
بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ دەردىنى كىم ئىشتىمەكچى؟
ئاڭلاپ خەۋەر تاپماق، بىلمەك، خەۋەردار بولماق، باشقىلارنىڭ گەپ - سۆزىدىن بىلىۋالماق.
- ئۇزۇندىن بېرى شۆھرەتلىرىنى ئىشتىپ يۈرىمەن، قانداق قىلىپ تەقدىر - پەلەك سىلەرگە يار بەرمەيۋاتىدۇ؟ - دېدى ئۇ.