Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېشېر
دۇنيا تارىخى
(1819 - 1882). شۋېتسارىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى (1849 - 1850). سىيۇرىختىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1848 - يىلى سىيۇرىخ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە پىششىق بولۇپ، تۆمۈريول ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1871 - 1878 - يىللىرى گوتا تۆمۈريول شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان. خۇسۇسىيلار كارخانىلىرىنىڭ تۆمۈريول قۇرۇشىنى قوللىغان، ستامپفلى ئوتتۇرغا قويغان مەملىكەت بويىچە تۆمۈريوللارنى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېتىۋېلىش پىلانىغا قارشى تۇرغان. كېيىن گوتا تۆمۈريول لىنىسيى خام چوتىنى بەك تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويۇپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق پەيدا قىلىپ قويغانلىقتىن، مۇدىرىيەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان. ئاخىرى فېدېراتىپ دۆلەت ئېشىپ كەتكەن خىراجەتنىڭ بىر قىسمىغا مەسئۇل بولغانلىقتىن، گوتا تۆمۈريولىدا 1882 - يىلى پويىز قاتنىغان، ئۇنىڭ تونىلى شۇ چاغدا دۇنيا بويىچە ھەممىدىن ئۇزۇن بولغان.