Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىشق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىراۋنى چىن كۆڭلىدىن سۆيمەك، ياراتماق، مۇھەببەت باغلىماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭقۇر خاھىش، مەيل، ئىشتىياق.
<قولۇشتۇق> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
<كۆيۈك> ئەر - ئايال ئارىسىدىكى <ئىشق - مۇھەببەت>.
ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك. ئىشقى يوق ياردىن ئىسسىق ئوچاق ياخشى. مۇھەببەت چىراي تاللىماس. گۈزەللىك تويدا كېرەك، مۇھەببەت كۈندە. مۇھەببەت گۈزەل پەزىلەتنىڭ سىناق تېشى. سۆيگۈدە ئاچچىق ئىزا يوق. ۋەھىمە ئۇيقۇڭنى قاچۇرىدۇ، كۆيۈك رەڭگىڭنى سارغايتىدۇ. كۆيۈك ئوتى ئالدىدا دوزاخ ئوتى ئوچقۇنچە يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يارغا بولغان مۇھەببەت، سۆيگۈ.
ئىشق سەۋداسى. يار ئىشقىدا كۆيمەك.
ئىشقى يوق ياردىن ئىسسىق ئوچاق ياخشى (ماقال). * ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس (ماقال).
زور ئىشتىياق، مەيل.
ۋەتەن ئىشقى. بىلىم ئىشقى.