Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېشەك ھاڭرىغان داپ داراڭلىغان يەردە يۈرمەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئۆزى خالىغان يەردە يۈرمەك، بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەردە يۈرمەك؛ قىلىدىغان ئىشى يوق ھەر يەردە لاغايلاپ يۈرمەك: - نەچچە يىل ئېشەك ھاڭرىغان، داپ داراڭلىغان يەردە يۈرۈپ، ئالاھەزەل بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تاپا - تەنىسىنى بىزگە قىلامدىكەن، - دېدى ئۇ.