Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىسدۇر
دائىرە: دۇنيا تارىخى伊西多尔
yī xī duō ěr
(تەخمىنەن 560 - 636) ئىسپانىيە كاتولىك ئالىمى. مىلادى 601 - يىلى سېۋىلىيىگە ئېپىسكوپ بولغان. 20 توملۇق <ئېتمولوگىيە> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېنسكلوپېدىيە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا <گوت، ۋاندال ۋە سۇئېۋى پادىشاھلىقلىرىنىڭ تارىخى> دېگەن ئەسىرى چوڭ ۋەقەلەر تەزكىرىسى ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدا غەربىي گوتلار؛ ۋانداللار ۋە سۇئېۋىلانىڭ كۆچۈش ۋە دۆلەت قۇرۇشتىكى قىسقىچە جەريانى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ ئىلاھىيەت ھەققىدىكى بايانلىرىنى كاتولىك چېركاۋلىرى كلاسسىك ئەسەر دەپ قارايدۇ. Ⅸ ئەسىردە كاتولىك چېركاۋلىرى ئۇنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، <ساختا ئىسسىدور دىنىي ئەمر - پەرمانلار توپلىمى> تۈزۈپ چىققان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.