Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئېرىتمىدە ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى
بىئولوگىيە
溶液培养法
róngyèpéiyǎngfǎ
بۇ <سۇدا ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەركىبىدە تۇپراق بولمىغان بىر قىسىم ياكى بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ئېلېمنتلار بولغان بىرخىل ئېرىتمە ئارقىلىق ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. ئېرىتمىدە ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مىنېرال ماددىلار بىلەن ئوزۇقلىنىشىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن زۆرۈر. ھازىر دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۆستۈرگۈچى ئېرىتمىلەردىن Hoaglant, knop Arnon, Wallaco, Espino بۇ ئوزۇقلىنىش سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق PH قىممىتىنى تەلەپ قىلىدىغان، تەركىبىدە ھەرخىل زۆرۈر ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار بولغان مۋۇازىنەت ھالەتتىكى ئېرىتمىلەردىن ئىبارەت. تۈرى ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈك ئوخشاش بولمىغان ئوزۇقلىنىش سۇيۇقلۇقىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئوزۇقلىنىش سۇيۇقلۇقىدىكى ھەربىر خىل ئېلېمېنتنىڭ كونسېنتراتسىيىسى ئەڭ مۇۋاپىق دائىرىدىن بەك كۆپ ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.