Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىرقى ئايرىمىچىلىق قانۇنى
دائىرە: دۇنيا تارىخى<گۇرۇھلارنىڭ رايونلار بويىچە ئولتۇراقلىشىش قانۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەڭلىك ئىرقلارنى كەمسىتىش ۋە زۇلۇم سېلىشتىكى قانۇن لايىھىسى. 1950 - يىلى 5 - ئايدا ماقۇللانغان. 1951 - يىلى 3 - ئايدا رەسمىي يولغا قويۇلغان. مەزكۇر قانۇندا ياۋروپالىقلار، ھىندىلار بىلەن شالغۇتلار، ئافرىقىلىقلار رايونلار بويىچە ئايرىۋېتىلگەن. ئاھالىنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىنغان ياۋروپالىقلار 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق زېمىننى ئىگىلىۋالغان. رەڭلىك ئىرقلارنىڭ ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن ئېچىلغان مېھمانخانا، ئاشخانا، كىنوخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىشىگە يول قويۇلمىغان. ئاق تەنلىك ئىشچىلار بىلەن رەڭلىك ئىرقتىكى ئىشچىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرغان بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئىش ھەققىمۇ زور دەرىجىدە پەرقلەنگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.