Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىرىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەلق ئىچىدە ئۇزاق زامانلاردىن كېلىۋاتقان، ئادەتكە ياتىدىغان بىرخىل پىسخىك ھالەت.
ئېرىنچەك ئىرىمنى بىلمەيدۇ. ئىرىم - ئەلنىڭ ئادىتى. ئاتاڭنىڭ ئۇدۇمىنى تاشلىما. ھوشۇرخان قولى يېنىك، ئۇدۇمى بار موماي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆڭلىگە پۈككەن بىرەر ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى، بىرەر بالا - قازانىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، ياخشىلىقنىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولۇشى ئۈچۈن، بىرەر نەرسىنى ياكى ئىشنى شەرت قىلغان ئاساستا باشلاش.
ئىرىم قىلماق.
بۇ ئىشنى نېمىدىن باشلاشنى بىلمەي تۇراتتىم. نورۇز داموللا ۋەقەسى مېنىڭ ئۈچۈن ياخشى ئىرىم بولىدىغان بولدى.