Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېرىك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يېقىمسىز:
كاشى، ھەرگىز بولماغاي ئېردىم تىرىك،
ئۇمرنى كۆرگۈنچە بۇ يەڭلىغ ئېرىك.
نەۋايى.
دۇنيا تارىخى
(1533 - 1577)، شۋېتسارىيە كورۇلى (1560 - 1568). گۇستاۋ ۋاسانىڭ ئوغلى. ياۋرۇپا مەدەنىيىتى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى تولىمۇ كۆپ. تەختتە تۇرغان دەسلەپكى مەزگىللىردە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىش يولىدا كۈچ چىقارغان. كېيىن ئانا باشقا ئىنىسى جون (يەنى كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى جون Ⅲ) بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، 1563 - يىلى جوننى نەزەربەند قىلغان. پولشا بىلەن دانىيىگە قارشى ئۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان. بۇ ھال رەسمىي ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان (1563 - 1570)، كېيىن دانىيە بىلەن <سېتىسىن سۈلھ شەرتنامىسى>نى تۈزگەن. شۋېتسىيە غايەت زور تۆلەم تۆلىگەن. مەملىكەت ئىچىدە، ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بولغان زىددىيەت كەسكىنلەشكەن، 1567 - يىلى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ نىلس ستۇرې قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن ئىنىسى جون ۋە چارلېس تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان ھەمدە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاتىلىق جىنسى ئېلىپ تاشلانغان، ئەركەكلىك ئىقتىدارى يوقىتىلغان، پىچىۋېتىلگەن قوي.