Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېرفۇرت ئىتتىپاقى شەرتنامىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى1808 - يىلى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى روسىيە كورۇلى ئالېكساندر Ⅰ بىلەن فرانسىيە پادىشاھى ناپولېئون Ⅰ ئېرفۇرتتا كۆرۈشكەندە ئىمزالىغان ئىتتىپاق شەرتنامىسى. مۇددىتى ئون يىل. ئۇنىڭدا تىلسىت شەرتنامىسىدىكى روسىيە - فرانسىيە ئىتتىپاقى (1807) تەكىتلىگەن. فرانسىيە روسىيەنىڭ فىنلاندىيە، مولدۋا ۋە ۋالاخىيىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقى، ئاۋسترىيە روسىيىگە ھۇجۇم قىلغاندا روسىيىگە ھەربىي ياردەم بېرىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. ئىككى دۆلەت كورۇلى ئەنگلىيىگە سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاش تەكلىپىنى بېرىش، ئەگەر ئۇ رەت قىلىنسا مەسلىھەتلىشىپ ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىشقا ماقۇل بولغان. بۇ شەرتنامە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتەلمىگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.