Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىراننىڭ نېفىتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىران خەلقى مىللەتنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتى ۋە نېفىت بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىلىپ بارغان جاھانگىرلىككە قارشى ھەرىكىت. 1951 - يىلى 3 - ئايدا، ئىران پارلامېنتى نېفىتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان. شۇ يىلى 4 - ئايدا مۇسادې ھۆكۈمىتى تەشكىللەنگەندىن كېيىن، قانۇن لايىھىسى يولغا قويۇلغان. 5 - ئايدا تېھران ئاممىسى يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىران نېفىتنى ئۇزاقتىن بۇيان مونوپول قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيە - ئىران نېفىت كومپارتىيىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 10 - ئايدا، ئىران ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ بۇ مەسىلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلغان. ئەنگلىيە ئارقىدىنلا ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي قامال يۈرگۈزگەن. 1952 - يىلى 10 - ئايدا ئىران بىلەن ئەنگلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن. ئىككىنچى يىلى 8 - ئايدا مۇسادې ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نېفىت شىركەتلىرىدىن تەركىب تاپقان خەلقئارا نېفىت مالىيە گۇرۇھى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى 250 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق <كېلىشىم رايونى> نىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازىنى چارلاش، ئېچىش ۋە ئايرىشتىكى مەخسۇس پايدا ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋېلىپ، ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى يېڭىۋاشتىن كونترول قىلغان. 1973 - يىلىغا كەلگەندىلا، ئىران غەرب نېفىت كارخانلىرىنىڭ ئىراندىكى مەبلىغىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋالغان.