Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىقتىسادىي قانۇنىيەت
دائىرە: دۇنيا تارىخى经济规律
jīng jì guī lǜ
ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ۋە مۇققەررەر ئىچكى باغلىنىش. بولماسلىقتەك ئوبيېكتىپ خۇسۇسىيەتكە ئىگە. كىشىلەر ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى يارىتالمايدۇ، ئۆزگەرتەلمەيدۇ ۋە يوقۇتالمايدۇ. لېكىن ئۇنى سېزەلەيدۇ، تۇنۇيالايدۇ ۋە تەدبىقلىيالايدۇ. ئۇ تەبىئەت قانۇنىيىتى بىلەن ئوخشاشمايدۇ، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنىڭ رولى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ مەنپەئىتىگە بىۋاستە تاقىلىدۇ؛ شۇڭا سىنىپىي جەمئىيەتتە ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى تەتبىقلاش سىنىپىنىڭ خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرمەسلىكى مەمكىن ئەمەس. پەقەت سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەندىلا كىشلەر ئاڭلىق ھالدا ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى تەتبىقلاپ جەمئىيەت ئۈچۈن بايلىق يارىتالايدۇ. ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ؛ يەنى، بارلىق ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئورتاق ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بولىدۇ، مەسىلەن: ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ خاراكتىرىگە جەزمەن ئۇيغۇنلىشىش قانۇنى؛ بىر نەچچە خىل ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئورتاق ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بولىدۇ، مەسىلەن، تاۋار ئىشلەپچىقرىشىدىكى قىممەت قانۇنى؛ مەلۇم بىر ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان خاس ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بولىدۇ، مەسىلەن، كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى قوشۇمچە قىممەت قانۇنى.
سودا,تاشيول قۇرۇلۇشى,ئۇنىۋېرسال,قانۇنشۇناسلىق
经济规律
jīng jì guī lǜ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.