Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىقىلاچ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
شوخ، يۈگرۈك ئات.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئالپ ئەرىگ ياۋرىتما ئىقىلاچ ئارقاسىن ياغرىتما _ باتۇرلارنى خور قىلما، يۈگرۈك ئاتنى يېغىر. باتۇر ئەرنى ھالسىزلاندۇرما، يۈگرۈك ئاتنىڭ ئۇچىسىنى يېغىر قىلما. بۇ ماقال بىلەن ئاقساقاللار بەگلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئىقىلاچىم ئەرىك بولدى
ئەرىك بولغۇ يەرى كۆردى
بۇلىت ئۆرۈپ كۆك ئۆرتۈلدى
تۇمان تۇرۇپ تولى ياغدى
{تۇلپارىم يۈگرۈك بولدى،
يۈگرۈك بولۇشىنى مۇناسىپ كۆردى،
بۇلۇت چىقىپ كۆك (ئاسمان) قاپلاندى،
تۇمان تۇرۇپ، تولى ياغدى.}
شوخ ئېتىم تېزلىك بىلەن چاپتى، بەيگىدە ئۈزۈپ چىقتى، شۇنداق قىلىشنى ئۆزىگە مۇناسىپ كۆردى، چۈنكى بۇلۇت كۆتۈرۈلۈپ، تۇمان توپلاندى، تولى (مۆلدۈر) ياغدى.
1 - 18