Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئىپتىدائىي يىپسىمان تەنە
بىئولوگىيە
原丝体
yuánsītǐ
مۇخلارنىڭ سپورىسى بىخلىنىپ ھاسىل قىلىدىغان يېشىل رەڭلىك يىپسىمان ياكى يوپۇرماقسىمان تەن بولۇپ، ئادەتتە يالغان يىلتىزى بولىدۇ. يىپسىمان تەنىدىن يېڭى ئۆسۈملۈك (گامېتوفىت) ئۆسۈپ چىقىدۇ. مۇخ تۈرىدىكىلەر تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ، ئاددىي يىپسىمان تەنىلىكلىرىنىڭ بىر يىپسىمان تېنى پەقەت بىر يېڭى ئۆسۈملۈك تەنچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. كاككۇك زىغىرى تۈرىدىكىلەرنىڭ ئىپتىدائىي يىپسىمان تېنى بىرئاز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خېلى كۆپ بىخ ۋە گېمما ھاسىل بولىدۇ. بىخ ۋە گېمما بىۋاسىتە يېتىلىپ يېڭى يەككە تەنىگە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىپتىدائىي يىپسىمان تەنە ئۆلىدۇ، بىراق ئاز ساندىكى كاككۇك زىغىرى تۈرىدىكىلەرنىڭ غول ۋە يوپۇرمىقى (گامېتوفىتى) ئىنتايىن رودىمېنتلاشقان بولىدۇ. ئىپتىدئىي يىپسىمان تەن ئىنتايىن تەرەققىي قىلىپ دائىم ساقلىنىدۇ (مەسىلەن، تاماكا غولى مۇخى) ھەمدە فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ ئوزۇقلۇق ياسايدۇ.