Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېپىرۇس پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ئەھلىسەلىپ شەرققە تۆتىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلغان (1202 - 1204) مەزگىلىدە، ۋىزانتىيىلىكلەر (گرېكلار) 1204 - يىلى ئېپىرۇس (يۇناننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا) دا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ⅩⅢ ئەسرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، نېئاپول پادىشاھلىقى ئانجۇ خاندانلىقى بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى پالائېئولوگۇس خاندانلىقىنىڭ تالىشىش ئوبېيكتى بولۇپ قالغان. ⅩⅣ ئەسرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە بېقىنغان، كېيىن يەنە سېربىيىگە قارايدىغان بولغان. 1430 - يىلى تۈركلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.