Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىپادىلىنىش تىپى
بىئولوگىيە
ئىپادىلىنىدىغان تىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەلگىلىك مۇھىتتا مۇئەييەن گېن تىپىغا ئىگە بولغان ئىندىۋىدتا ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان بارلىق ئالامەتلەردىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە دائىم تەتقىق قىلىنىدىغان بىر ياكى بىر قانچە گېن ئالامەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىدە قوللىنىشقا قارىتىلغان. گېن تىپلىرى ئوخشاش بولمىسا، دائىم ئوخشىمايدىغان ئىپادىلىنىش تىپى ھاسىل بولىدۇ، مەسىلەن، باقىلە (كۆك پۇرچاق) گۈلىنىڭ رەڭگىنى بەلگىلەيدىغان گېن - CC قىزىل گۈل، CC - ئاق گۈل بولىدۇ. گېن تىپلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئوخشايدىغان ئىپادىلىنىش تىپلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، مەسىلەن، CC - قىزىل گۈل، CC مۇ قىزىل گۈل بولىدۇ. بۇ C نىڭ ئاشكارا گېن بولغانلىقىدىن بولىدۇ. ئوخشاش بىر گېن تىپىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىپادىلىنىش تىپىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، گېن تىپى <قىزىل غول> لۇق كۆممىقوناقنىڭ كۈن نۇرى چۈشمىگەن ئورۇنلىرى يېشىل بولۇپ، بۇ مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بولىدۇ.