Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوخشاش قاناتلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
同翅目
tongchìmù
ھاشاراتلار سىنىپىدىكى بىر ئەترەت. تېنى كىچىك تىپتىن ئوتتۇرا تىپقىچە بولۇپ، مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور. ئېغىز ئاپپاراتى سانجىپ شوراش شەكلىدە بولۇپ، تۈۋى قىسمى بېشىنىڭ ئاستى - ئارقا تەرىپىدىن ياكى ئالدىنقى پۇت تۈۋىنىڭ بوغۇم ئارىلىقىدىن ئۇزىراپ چىققان. يېتىلگەن قۇرتلىرىدا قاسىراق قۇرت بىلەن كۆك پىتنىڭ قاناتلىق تىپى بولمىغاندىن سىرت، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى قاناتلىق. ئالدىنقى ۋە كېيىنكى قاناتلىرىنىڭ ھەممىسى پەردە قانات، تىنچ تۇرغان چاغدا دۈمبىسىگە يانتۇ يېپىلىپ ئۆگزىسىمان قىرلىق ھالەتكە كېلىدۇ. كۆپ ساندىكىلىردە مۇم ماددىسى قاسىراقسىمان قاپلىغۇچى ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بېزى بولىدۇ. كۆپىيىش ئۇسۇلى خىلمۇخىل، كۆپىيىش كۈچىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك، جىنسلىق كۆپىيىدىغانلىرى، يەككە چىشى تەنىدىن كۆپىيىدىغانلىرى ھەمدە جىنسلىق كۆپىيىش بىلەن يەككە چىشى تەنىدىن كۆپىيىشى ئالماشتۇرۇپ ئېلىپ بارىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ، تۇخۇم تۇغىدىغانلىرى، تۇخۇم تۆرەلمىلىك كۆپىيىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. زور كۆپچىلىكى تولۇقسىز ھالەت ئۆزگەرتىدۇ، لېكىن ئەركەك قاسىراق قۇرت مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىدۇ. ئۆسۈملۈكخور بولۇپ، ئۆسۈملۈك، ئۆسۈملۈكنىڭ شىرنىسى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تۈرلىرى تەخمىنەن ئوتتۇز نەچچە مىڭ بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكىلىرى 1200 تۈردىن ئاشىدۇ، مەسىلەن، تومۇزغا، يوپۇرماق تومۇزغىسى، ئوچقۇن پىت، كۆك پىت، قاسىراق قۇرت قاتارلىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئەترەتكە كىرىدۇ. كېۋەز يوپۇرماق تومۇزغىسى، قوڭۇر ئۇچقۇر پىت، كېۋەز پىتى قاتارلىقلارغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تۈلىرى، ئۆزلىرى ئۆسۈملۈك شىرنىسى بىلەن ئوزۇقلىنىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىنى تارقىتىدىغان، زىرائەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئاساسلىق زىيانداش ھاشاراتلار ھېسابلىنىدۇ، قاسىراق قۇرت، كۆپرەك مېۋىلىك دەرەخلەر، چاي، ئۈجمە ھەم ئورمانلارغا زىيان سالىدۇ. بەزى تۈرلىرى مەسىلەن، سۆسۈن يىلىملىق قۇرت ئاق موم قۇرتى مۇھىم سانائەت خام ئەشياسى بولغان سۆسۈن يىلىم ۋە ئاق موملارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ؛ جۇڭگو موزا كۆپ پىتى جۇڭگو موزا دەرىخىدە پارازىتلىنىپ جۇڭگو مۇزىسى دېيىلىدىغان قۇرت ھۈررىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تەركىبىدە تاننىن ماددىسى كۆپ بولغان سانائەت ۋە دورىگەرچىلىكىنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئەترەتتىكى ھاشاراتلار مۇھىم ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇنىۋېرسال,دېھقانچىلىق
同翅目
tong chì mù