Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوخشاش مەنبەلىك ئورگان
دائىرە: بىئولوگىيە同源器官
tóngyuánqìguān
ئوخشاش بولمىغان جانلىقلاردىكى ئورنى ئوخشاش، كېلىش مەنبەسى ۋە ئاساسىي تۈزۈلۈشى ئوخشاش، لېكىن مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان ئورگانلار. مەسىلەن، ئاتنىڭ ئالدىنقى پۇتى، شەپەرەڭنىڭ قانىتى ۋە كىتنىڭ ئۈزگۈچىسى قاتارلىقلار سىرتقى شەكلى جەھەتتە زور پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئىچكى تۈزۈلۈشى جەھەتتە ئۆز ئارا ئوخشىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تۆرەلمىلىك يېتىلىشتىكى كېلىش مەنبەسى ئوخشاش بولغاچقا، ئوخشاش مەنبەلىك ئورگانغا كىرىدۇ. يەنە مەسىلەن، نورمال يوپۇرماق يېشىل ياپىلاق بولۇپ، ئاساسەن فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ؛ گۈلسامساقنىڭ تەڭگىسىمان يوپۇرمىقى ئاق سېمىز بولۇپ، ئوزۇقلۇقنى زاپاس ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. گەرچە بۇلارنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلىسى يوپۇرماق بولۇپ، ئوخشاش مەنبەلىك ئورگانغا كىرىدۇ. ئوخشاشلا، پىيازنىڭ تەڭگىچە غولى، ياڭيۇنىڭ تۈگىنەك غولى، قارا ئىجرىقنىڭ يىلتىزسىمان غولى، سوپۇن دەرىخىنىڭ غول تىكىنى ۋە كاۋىنىڭ چىرمىغۇچىسى غول تىكىنى ۋە كاۋىنىڭ چىرمىغۇچىسى قاتارلىقلار غولنىڭ ئوخشاش مەنبەلىك ئورگانلىرى، ئوخشاش مەنبەلىك ئورگانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ئۇلارنڭ ئىپتىدائىي تىپلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ياشاش ئۇسۇلىغا ماسلىشىش ئۈچۈن تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.