Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوما
دائىرە: بىئولوگىيەنورمال ئىككى ھەسسە تەنچىلىك تەن ھۈجەيرىسىدىكى ھەر قانداق بىر تال دائىمىي خروموسومىغا نىسبەتەن تۈزۈلۈشى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە ئىرسىيەتتىكى رولى ئوخشايدىغان ماس ھالدىكى يەنە بىر تال خروموسوما بولۇپ، ئۇلار بىر جۈپ ئوخشاش مەنبەلىك خروموسوما دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم باسقۇچىدىن سۈرۈشتۈرگەندە ئۇلارنىڭ بىر تېلىنىڭ ئاتىلىقتىن، يەنە بىر تېلىنىڭ ئانىلىقتىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. يىپلىق بۆلۈنۈش جەريانىدا ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومىلار ئادەتتە جۈپ تۈزمەيدۇ، ئەمما سەن كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى Ⅰ دە ئوخشاش مەنبەلىك خرومۇسومىلار ئىككى - ئىككىدىن جۈپ تۈزىدۇ ھەمدە ئىرسىي ماددىنى ئالماشتۇرىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.