Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوخاياخى تاكىچى
دۇنيا تارىخى
小林多喜二
xiǎo lín duō xǐ èr
(1903 - 1933) ياپونىيىلىك يازغۇچى، ئوتارو ئالىي سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. خوككايدو تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان. 1931 - يىلى ياپونىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. ياپونىيە پرولېتارىيات يازغۇچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سېكرىتارى بولۇپ، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 1933 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خائىننىڭ پاش قىلىشى بىلەن توكيودا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. شۇ كۈنى ئاخشىمى قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىدىن <قىسقۇچپاقا تۇتقۇچى كېمە> ناملىق پوۋېستتا كاپىتالىستلارنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسى ئۈستىدە شىكايەت قىلىنىپ، ياپونىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ باتۇرانە كۈرىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ <يەر ئاستى پارتىيە ئەزاسى> ناملىق پوۋېستتا جاھانگىرلىكنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى پاش قىلىنىپ، ياپونىيە كوممۇنىستلىرىنىڭ جەڭگىۋار تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. باشقا ئەسەرلىرىدىن <1928 - يىلى 15 - مارت كۈنى>، <باشقا يۇرتتا تۇرۇۋاتقان پومېشچىك>، <جاۋۋىي يېزىسى>، <زاۋۇت ياچېيكىسى>، <تەشكىلاتچى> قاتارلىق پوۋېستلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ياپونىيە ئىنقىلابىي ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور. كېيىن <ئوخاياخى تاكىجى ئەسەرلىرى> دىن 12 توم نەشىر قىلىنغان.