Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
友谊会
دۇنيا تارىخى
دوستلۇق جەمئىيىتى
كونگو (بىراززاۋىل) دىكى سىياسىي تەشىلات. ماتسۇئا 1926-يىلى فرانسىيىدە قۇرغان. دەسلەپ <فرانسىيىگە قارام ئېۋاتور ئافرىقىلىقلىرىنىڭ ئەخلاقىي سەۋىيىسىنى ۋە بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش> نى ئاساسىي مەقسەت قىلغان. فرانسىيىدىكى مۇھاجىرلار بەس - بەس بىلەن قاتناشقان. 1928-يىلى <يەرلىك خەلقلەر قائىدە - نىزامى> نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئافرىقلىقلارنى فرانسىيە گراژدانلىق ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېيىنكى يىلى دۆلەت ئىچىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1930-يىلى مۇستەملىكىچى دائىرىلەرنىڭ ماتسۇئاغا ھۆكۈم كەسكەنلىكىگە نارازىلىق قىلىپ، نامايىش ۋە ئىش تاشلاشلارنى ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە ھەربىي ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1939-يىلى مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. ماتسۇئا ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزگىرىپ ئۆز ئالدىغا دىنىي قائىدىلىرى، دىنىي ئەقىدىسى، مۇراسىملىرى ۋە دىن تارقاتقۇچىلىرى بولغان دىنىي تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، بارغانسېرى سىياسىي كۈرەشتىن چەتنەپ كەتكەن.