Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
犹太王国
دۇنيا تارىخى
يەھۇدىي پادىشاھلىقى
پەلەستىننىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى دۆلەت. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلار قەبىلىسى - يېۋرېيلار پەلەستىنگە كىرىپ، يەرلىك ئاھالە - كەنئانلاr بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلغان. يېۋرېيلارنىڭ جەنۇبىدىكى يەھۇدىي رايونىدا ئىككى قەبىلىسى (شىمالدىكى ئىسرائىلىيە رايونىدا ئون قەبىلىسى بولغان) بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ - Ⅺ ئەسىرلەر ئارىلىقدا يەنى ئىسرئىللارنىڭ پادىشاھى سائۇل بىلەن يەھۇدىيلار پادىشاھى داۋىد ئىلگىرى - كېيىن بۇلۇپ ھەرقايسى قەبىلىلەرگە باشچىلىق قىلىپ، قارشى تۇرۇپ، ئۇلارغا زەربە بەرگەن. داۋىد بىلەن سولومون شىمال بىلەن جەنۇبنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسرائىلىيە يەھۇدىي پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 935 يىل ئىلگىرى پاىشاھلىق ئىككىگە بۆلۈنۈپ، شىمالىي قىسمى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، ئېروبوئام پادىشاھ بولغان. جەنۇبىي قىسمى يەھۇدىي پادىشاھلىقى بولۇپ، رېئوبوئام يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولغان. ئېرۇسالىمنى داۋاملىق پايتەخت قىلغان. مىلادىدىن 722 يىل ئىلگىرى ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى يوقاتقان، يەھۇدىي پادىشاھلىقى زور مىقداردا پۇل تۆلەپ ئۆزىنى ساقلاپ قالغان. مىلادىدىن 586 يىل ئىلگىرى يېڭى بابىلون پادىشاھى نېبۇچادنېززاⅡ ئېرۇسالىمنى ئېلىپ زور تۈركۈمدىكى يەھۇدىي پۇقرالىرىنى بابىلونغا كۆچۈرۈپ كەلگەن، بۇ تارىختا <بابىلون تۇتقۇنلىرى> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن 538 يىل ئىلگىرى پېرسىيە پادىشاھى كۇرۇش بابىلوننى بېسىۋېلىپ، يەھۇدىي <تۇتقۇن> لىرىنى پەلەستىنگە قايتىپ دۆلەت قۇرۇشقا (پېرسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى) قويۇپ بەرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىردىن كېيىن، كەينى - كەينىدىن ماكېدونىيە، پتولېمېي، سېلېۋىكىيە پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان. مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى رىم ئىمپېرىيىسى زېمىنىغا قوشۇۋېلىنغان. مىلادى 66 - 70 - يىللىرى ۋە 131 - 135 - يىللىرى، يەھۇدىي خەلقى رىمغا قارشى قايتا - قايتا زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ كەلگەن (<يەھۇدىيلار ئۇرۇشى> ماددىسىغا قاراڭ). بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيلار ياقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبور بولغان، يەھۇدىيلار پادىشاھلىقىمۇ قايتا مەۋجۇت بولمىغان.