Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
攸努斯
دۇنيا تارىخى
ئېئۇنۇس
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 132) قەدىمكى رىم بىرىنچى قېتىملىق سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى. سۈرىيەلىك بولۇپ، سىتسىلىيە ئارىلىدا قۇل بولغان. <بۈيۈك مەبۇدە> گە چوقۇنۇپ، سېھرىگەرلىك قىلغان. مىلادىدىن 138 يىل ئىلگىرى سىتسىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئېننا شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا قۇللار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، ئۇ <يېڭى سۈرىيە پادىشاھلىقى> نىڭ كورۇلى بولغان. كلېئون باشچىلىقىدىكى يەنە بىر قۇللار قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، رىم ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى كۆپ قېىتم مەغلۇپ قىلىپ،قۇلدارلارنىڭ چوڭ قورۇقلىرىنى ۋەيران قىلغان، رىم ھۆكۈمرانلىرىنى زىلزىلىگە سالغان. مىلادىدىن 132 يىل ئىلگىرى رىم كونسۇلى روپېلېي ئېننا شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا ئۇ مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشۈپ، قالغان كېيىن تۈرمىدە ئۆلگەن.