Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
有袋目
ئۇنىۋېرسال
yǒu dài mù
خالتىلىق ھايۋانلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
خالتىلىقلار ئەترىتى
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ كېيىنكى سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپىغا كىرىدۇ. ئۇلار نىسبەتەن تۆۋەن دەرىجىلىكرەك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى مۇنداق؛ تىرىك تۇغىدۇ، لېكىن ھەقىقىي بالا ھەمراھى بولمايدۇ. تۆرەلمىسى تۇخۇم سېرىقى خالتىسى ئارقىلىق ئانا تېنىنىڭ بالىياتقۇ دىۋارى بىلەن تۇتىشىدۇ، شۇڭا بالىسى تولۇق يېتىلىپ كېتەلمەيدۇ؛ بوغاز مەزگىلى تەخمىنەن 40 كۈن. بالىسى تۇغۇلغان چاغدا تەخمىنەن ئۈچ سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئانىسىنىڭ قورساق قىسمىدىكى بالا خالتىسىدا دۋاملىق 7 - 8 ئاي تەرەققىي قىلىپ يېتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا <خالتىلىقلار ئەترىتى> دەپ ئاتالغان. مۈرە بەلبېغىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئېمىتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەن. چوڭ مېڭە پوستلىقى تەرەققىي قىلمىغان، كاللوزا تەنچىسى يوق. چىشلىرى غەيرىي شەكىللىك، لېكىن كۈرەك چىشلىرىنىڭ سانى كۆپرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسى گەرچە بىر تۆشۈكلۈكلەر ئەترىتىدىكىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى (33 - 35 سىلتسىيە گرادۇس) بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تۇراقسىز بولىدۇ. بۇ ئەترەتنىڭ تۈرلىرى كۆپ. ئاساسەن ئاۋسترالىيە ۋە ئېرىئان ئارىلىغا، ئۇنىڭدىن قالسا ئوتتۇرا ئامېرىكا ھەم جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئوتلاقلىق رايونلىرىغا تارقالغان. ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىمۇ مۇرەككەپرەك بولۇپ، گۆشخورلۇق بىلەن ياشايدىغانلىرىدىن خالتىلىق بۆرە ۋە خالتىلىق ئاغمىخان، ئوتخورلۇق بىلەن ياشايدىغانلىرىدىن كېنگۇرالار ھەمدە غاجىلىغۇچىلارغا ئوخشايدىغان خالتىلىق ئېيىق، خالتىلىق بۇلغۇن ۋە خالتىلىق توشقان قاتارلىقلار بار.