Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
中东战争
zhōng dōng zhàn zhēng
1947 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىننى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش قارارىنى ماقۇللىغاندىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا پارتلىغان تۆت قېتىملىق ئۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ: (1) پەلەستىن ئۇرۇشى، 1948 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يەھۇدىيلار پەلەستىندە <ئىسرائىلىيە دۆلىتى> قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىككىنچى كۈنى، ئىسرائىلىيە مىسىر، ئىراق، لىۋان، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. 1949 - يىلى 2 - ئايدىن 7 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئارقا - ئارقىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 960 مىڭ پەلەستىنلىك يۇرت ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ 20 نەچچە مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى كونترول قىلىۋالدى. (2) سۇۋەيش قانىلى ئۇرۇشى. 1956 - يىلى 7 - ئايدا مىسىر سۇۋەيش قانىلىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ يىلى 10 - ئايدا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە مىسىرغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. مىسىرنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ۋە ئەرەب خەلقى ھەمدە دۇنيا خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە قوشۇنى مىسىردىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. 1957 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئىسرائىلىيە قوشۇنى گازا ۋە ئەكبەر قولتۇقى رايونىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. (3) <5 - ئىيۇن> ئۇرۇشى. 1967 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئىسرائىلىيە مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئالتە كۈن ئىچىدە ئىئوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، ئېروسالىمنىڭ شەرقىي رايونى، گازا رايونى ۋە مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلى، سۈرىيىنىڭ گولان ئېگىزلىكى قاتارلىق جەمئىي 65 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئەرەب زېمىنىنى بېسىۋالدى، 500 مىڭغا يېقىن ئەرەب مۇساپىرلارغا ئايلىنىپ قالدى. 6 - ئاينىڭ 7، 8 - كۈنلىرى، دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، <ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ> نى ماقۇللىتىپ، مىسىر، سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيىنى كەڭ زېمىندىن مەھرۇم بولغان ئەھۋال ئاستىدا، شەرتسىز <ئۇرۇش توختىتىش> نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. (4) ئۆكتەبر ئۇرۇشى. 1973 - يىل 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مىسىر، ۈرىيە ۋە پەلەستىننىڭ باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان قايتۇرما زەربە بېرىش ئۇرۇشى. مىسىر قوشۇنلىرى سۇۋەيش قانىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ 10 - ئاينىڭ 8 ـ كۈنى <بالېۋ مۇداپىئە لىنىيىسى> نى بۇزۇپ تاشلاپ، سىناي يېرىم ئارىلىغا بۆسۈپ كىردى؛ سۈرىيەقوشۇنلىرى گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، ھېرمون تېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مۇنچە ئىستېھكاملارنى بېسىۋالدى. پەلەستىن پارتىزانلىرى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقا سېپىدە ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەن كۈچىنى ئىسكەنجىگە ئالدى. ئەرەب نېفىت دۆلەتلىرى نېفىتتىن ئىبارەت بۇ قورالدىن پايدىلىنىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزدى. 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى <ئۇرۇشنى ئۆز جايىدىلا توختىتىش> توغرىسىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى - ئامېرىكا تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللاپ، ئۇرۇشنى ئاخىر توختاتتى.