Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوتتوكار
دائىرە: دۇنيا تارىخى鄂图卡二世
è tú kǎ èr shì
(تەخمىنەن 1230 - 1278) يەنە پرېميسل Ⅱ دەپمۇ ئاتالغان. چېخىيە كورۇلى (1253 - 1278). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ئاۋسترىيە، سىترىيە، كارىنسىيە ۋە كارىنولا (كرائىن دەپمۇ ئاتالغان) لارنى بويسۇندۇرۇپ، چېخىيىنى ئوتتۇرا ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. 1254، 1267 - يىللىرى تېوتون رىتسارلار پولكىنىڭ پرۇسسىيىلىكلەر ۋە لىتۋالىقلارغا قارشى سوقۇشىغا قاتناشقان. ھابىسبۇرگ جەمەتىدىن رۇدولف Ⅰ بىلەن مۇقەددەسر رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورلۇققا سايلىنىشىنى تالىشىش كۈرىشىدە مەغلۇپ بولغان. رۇدولف Ⅰ چېخ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كورۇلغا بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتوكار Ⅱ گە قارشى لەشكەر تارتقان. 1278 - يىلى 8 - ئايدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئوتتوكار Ⅱ مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇ قوشۇۋالغان يەرلەر ھابىسبۇرگ جەمەتىگە تەۋە بولغان.
دائىرە: دۇنيا تارىخى鄂图卡一世
è tú kǎ yí shì
(؟ - 1230) پرېمسل Ⅰ دەپمۇ ئاتالغان. چېخىيە كورۇلى (1198 - 1230). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى چوڭ فېئودال خوجىلىق يەر ئىگىلىرىنى بويسۇندۇرغان؛ گېرمانلارنى چېخىيىگە كۆچۈشقە رىغبەتلەندۈرگەن ھەمدە چېخىيىدە <گېرمان قانۇنى> نى يولغا قويغان. 1216 - يىلى خوخېنستاۋفېن سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅱ نىڭ چېخىيە كورۇلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.