Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوت - چۆپ يوقاتقۇچى دورا
دائىرە: بىئولوگىيە除莠剂
chúyǒujì
بىر خىل ئوت - چۆپنى يوقىتىدىغان ياكى ئۆلتۈرىدىغان خىمىيىلىك دورا. ئۇ تەسىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. (1) تاللاش خاراكتېرى بولمىغان ئوت - چۆپ يوقاتقۇچى دورا، بۇ نابۇت قىلىش خاراكتېرىدىكى ئوت - چۆپ يوقاتقۇچى دورا دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ناترىي ئارسېنت، ناترىي خلورات، بەش خلورلۇق ناترىي فېنولات، كاربامات قاتارلىقلار. بۇ تۈردىكى ئوت - چۆپ يوقاتقۇچى دورىلار بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار يول ياقىسى، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنىڭ قىرى، ئورماننىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بەلبېغى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ. (2) تاللاش خاراكتېرىدىكى ئوت - چۆپ يوقاتقۇچى دورا. بۇ تۈردىكى دورىلار ئېتىزلىقتىكى ياۋا ئوتلارنى يوقىتىپ زىرائەتكە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. مەسىلەن، D - 4.2 قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرگە ئارىلىشىۋالغان ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىدۇ، باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. يەنە بىر خىل كاربامات خىلىدىكى ئوت - چۆپ يوقاتقۇچى دورا - (قىسقىچە IPC) كېۋەز ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئېتىزدىدىكى قوش پەللىلىك ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىشقا ماس كېلىدۇ؛ سىمازىن كۆممىقوناق ئېتىزىدىكى بارلىق ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىدۇ. ئۇ پەقەت قوناققىلا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. زىرائەت بىلەن ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقى ۋە يىلتىز سىستېمىسىنىڭ تۇپراققا تارقىلىش چوڭقۇر - تېيىزلىكى ھەمدە ئۈنۈپ چىقىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدىغانلىقتىن، تاللاش خاراكتېرى بولمىغان ئوت - چۆپ يوقاتقۇچى دورىلرنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىشلەتكەندە ئوخشاشل ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىپ زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىك مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بەش خلورلۇق ناترىي فېنولات بىلەن شال ئېتىزىدىكى ئوت - چۆپلەرنى يوقاتقاندا، شالغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بىراق ئوت - چۆپ يوقاتقۇچى دورىلار سۈنئىي سىنتېزلەنگەن خىمىيىلىك ماددا بولغاچقا، بەزىلىرى تۇپراقتا ئۇزۇن مەزگىل ساقلىنىپ مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئىشلەتكەندە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ھازىر ئوت - چۆپ يوقاتقۇچى دورىلارنىڭ تەرەققىياتى نۇقتىلىق ھالدا ئۈنۈمى يۇقىرى، زەھىرى تۆۋەن، قالدۇق قالمايدىغان تۈرلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.