Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوسمان دان فودىئو
دائىرە: دۇنيا تارىخى奥斯曼.登.福迪奥
ào sī màn .dēng .fú dí ào fú dí ào
(1744 - ياكى 1754 - 1817) سوكودو پادىشاھلىقىنى قۇرغۇچى. فۇربلاردىن بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. گوبىر شەھەر دۆلىتى شاھزادىسىگە ئاتالىق بولغان. كېيىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، جايلاردا خائۇسا شەھەر دۆلىتىنىڭ ئاقسۆڭەك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشنى ئۇيۇشتۇرغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا فۇرب، خائۇسا قەبىلىلىرىدىكى كەمبەغەللەر ۋە قۇللارنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلپ، ئۆزىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئىمامى دەپ ئاتاپ، غازات ئېلان قىلىپ، زارىيە، كاتىسىنا، كانو، ئاركالاۋالارنى ئارقا - ئارقىدىن ئېلىپ، خائۇسا رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈگەن. 1809 - يىلى ئوغلى مۇھەممەد بېللو (؟ - 1837) نى سوكودو پادىشاھى قىلىپ، ئۇكىسى ئابدۇللاھ (؟ - 1829) نى گاندو پادىشاھى قىلىپ بېكىتكەن. <قېرىنداشلارغا نەسىھەت>، <يۈرەك نۇرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.