Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئوشئو خېئىخاچىرو
دۇنيا تارىخى
大盐平八郎
dà yán píng bā láng
(1793 - 1837) ياپونىيە ئېدو دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شەھەرلەردە كۆتۈرۈلگەن قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى. ئەسلى ئىسمى خوسۇ، تەخەللۇسى جۇڭزەي. 14 ياشتا دادىسىنىڭ خىزمىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئوساكادا تۆۋەن دەرىجىلىك يەرلىك ئەمەلدار بولغان. خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئائىلىسىدە مەكتەپ ئېچىپ ۋاڭ ياڭمىڭنىڭ تەلىماتىنى ئوقۇتقان ۋە سۆز بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىردەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. 1836 - يىلى (تيەنباۋ 7 - يىلى) قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ئاشلىق باھاسى تېز ئۆسۈپ كەتكەن. ئاچارچىلىقتا ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال پات - پات كۆرۈلۈپ تۇرغان. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، كاتتا سودىگەرلەر بولسا، ئەيش - ئىشرەت ۋە كەيپ - ساپا تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئوشئو ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ھۆكۈمەت ئۇنى رەت قىلغان؛ باي سودىگەرلەردىن قەرز سورىسا قەرز بەرمىگەن. ئاخىرى نائىلاج يىغقان كىتابلارنى سېتىپ نامراتلارغا قۇتقۇزۇش قىلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى شان - شۆھرەت قازىنىشقا ئۇرۇندى دەپ قارىغان. شۇڭا ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق كۆرۈشكە بەل باغلىغان. بىرى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغاچقا، ئۇ 1837 - يىل 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۆز شاگىرتلىرىنى ۋە شەھەردىكى نامراتلارنى باشلاپ، ئوساكا شەھىرىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئەتراپتىكى رايونلارغا چاقىرىقنامە چىقارغان. كاتتا سودىگەرلەرنىڭ دۇكانلىرى ۋە تۇرار جايىنى بۇزۇپ تاشلىغان. يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلار كەينى - كەينىدىن قوزغىلىپ، ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. قوزغىلاڭ شۇ كۈنىلا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. جەڭ داۋامىدا ئوساكا شەھىرىدىكى كوچىلارنىڭ ئوندىن تۆت قىسمى كۆيدۈرۈپ تاشلانغان. ئوشئو بىر ئايدىن ئارتۇق يوشۇرۇنۇپ، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سېزىلىپ قالغاندىن كېيىن بالىسى بىلەن بىللە ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، جايلاردا بىر نەچچە قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى ئوشئونىڭ شاگىرتىمەن دەۋالغان