Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئورۇنسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
داۋلىسى يوق. ھېچبىر ئاساسى، يولى يوق.
يولسىز ئاقلىنىش جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن يامان. ئورۇنسىز ئاياشتىن تەكەببۇر قىز يېتىشەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئورنى يوق.
ئورۇنسىز قالماق.
كۆچمە. بىھۇدە، ئارتۇقچە، ئاساسسىز، ئەھمىيەتسىز.
سەن ئۇنىڭدىن ئورۇنسىز ئەنسىرەپ يۈرمە.
كۆچمە. شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە بولۇۋاتقان ئىش - ھەرىكەت، گەپ - سۆزگە مۇناسىۋەتتسىز، باغلىنىشى يوق؛ ئەھمىيەتسىز.
مەن ئورۇنسىز سۆز قىلمايدىغان ئادەملىكىمنى ئۇلارغىمۇ كۆرسەتمەكچى بولدۇم.
كۆچمە. ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق، پايدىسىز، ناتوغرا، نامۇۋاپىق، ئەھمىيەتسىز.
- ئورۇنسىز ئىشلارغا پۇل خەجلىمە! - دېدى ئۇ ئوغلىغا تەنبىھ بېرىپ.
ئادەم بولساڭ، ھامان بىر كۈنى ئورۇنسىز ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنىڭ ئىچ ئاغرىقىنى تارتىسەن.