Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئورتاقلىق قانۇنى
دۇنيا تارىخى
大同法
dà tóng fǎ
چاۋشيەندەلى سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ماددىي نەرسە بىلەن تۆلىنىدىغان باج تۈزۈملىرىنىڭ بىرى. ئولپان ئېلىش ئاشلىق تاپشۇرۇشقا ئۆزگەرتىلگەنلىكتىن مۇشۇ تۈزۈم بولۇپ شەكىللەنگەن. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا جايلارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ ئوردىنى ۋە مەركەزدىكى مەھكىمىلەرنى تەمىنلەش يۈزىسىدىن ئولپان تۈزۈمى يولغا قويۇلغانىدى. 1594 - يىلى (شۇەنزۇ 27 - يىلى) ئولپان تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ئاشلىق ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ھەر جيې يەردىن ئىككى كۈرە ئاشلىق ئېلىنىپ پايتەختكە يەتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ تۈزۈممۇ بىكار قىلىنغانىدى. 1608 - يىلى (پادىشاھ گۇاڭخەي تەختكە چىققان يىلى) خەن بوجيەننىڭ تەكلىپى بىلەن، ئادەتتىكى ئولپاننى ئاشلىققا سۇندۇرۇپ يىغىۋېلىش يولغا قويۇلغان، بۇ ئورتاق ئاشلىق دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدا مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ھەر جيې يەردىن ئەتىياز پەسلىدە سەككىز كۈرە، كۈز پەسلىدە سەككىز كۈرە جەمئىي 16 كۈرە ئاشلىق ئېلىنىپ، بۇنىڭدىن ئون كۈرىسى پايتەختتىكى ئوردىغا ۋە مەھكىمىلەرگە تاپشۇرۇلىدۇ، ئالتە كۈرە يەرلىك يامۇللارغا ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ، كېيىن ھەر جيې يەردىن 12 كۈرە ئاشلىق ئېلىشقا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ قانۇن ئاۋۋال جىڭجىدا يۈرگۈزۈلگەن. رىنزو، شياۋزۇڭ، شيەنزۇاڭ، شاۋزۇڭ دەۋرلىرىدە جياڭجۈەن، جۇڭچىڭ، چۈەنلۇ، چىڭشاڭ ئۆلكىلىرىگىچە كېڭەيگەن. خۇاڭخەي، پىڭئەن، شيەنجىڭ ئۆلكىلىرىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تۆۋەن بولغاچقا، ئورتاقلىق قانۇنىنى ئەھۋالغا قاراپ يۈرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنغان. تاغلىق رايونلاردا ئاشلىق ئورنىغا پاختا رەخت ئېلىنغان. ئورتاقلىق قانۇنى پەقەت ئادەتتىكى دائىملىق ئولپان ئورنىدىلا ئىجرا قىلىنىپ، باشقا ئولپانلار بۇرۇنقىدەكلا ئېلىنىپ تۇرغان. ئورتاقلىق ئاشلىقى يەر ئىجارىسىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولغان. فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە شۇنىڭ بىلەن ئېغىرلاشقان. ئەمما ئورتاقلىق قانۇنى تاۋار ئوبوروتى ۋە سودىگەرلەرنىڭ كاپىتال پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەلۇم رول ئوينىغان. 1894 - يىلىدىكى جاۋۇ ئىسلاھاتىدا پۇل تاپشۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئورتاقلىق قانۇنى بىكار قىلىنغان.